ئۇيغۇر ياشلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا داۋاملىق ئىچكىرىگە يۆتكەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-04-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەردە ئىزچىل مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلگەن ئەمگەك پۇرسىتى ھەمدە ئەمگەك كۈچى مەسىلىسى يېقىندا يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قەشقەر ۋە خوتەن رايونىدا كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولىدىغانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن رايونىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 25 مىڭ دېھقان ياش بۇ يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولىدىكەن ھەمدە مۇشۇ تەرىقىدە ئۈچ يىل ئىچىدە 100 مىڭ دېھقان ياش ئىش ئورنىغا ئېگە بولىدىكەن. گەرچە خەۋەردە بۇ ئىشلارنىڭ «خەلقنى باي قىلىش» مەقسىتىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بۇ ياشلارنى قانداق شەكىلدە خىزمەت ئورنىغا ئېگە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا بولسا بۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكىدەك «شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ خىزمەت ئورنىغا ئېگە قىلىش» شەكلىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا مۇشۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدىلا دېھقان ياشلار جەمئىي 577 مىڭ ئادەم قېتىم ھەرقايسى جايلارغا يۆتكەلگەن. بۇلاردىن 4704 كىشى ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ساننىڭ ئۆتكەن يىلى 19 مىڭغا يېقىن بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى بولۇپ، ھەر كۈنى مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كېلىشى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر دېھقانلار راستىنىلا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ھېسابلانسا ئۇ ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە كۆچۈپ كېلىشى ھاجەتسىز» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت