ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش» شوئارىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى يىللاردىن بۇيان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دەپ قارالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەرقايسى جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ كەلگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى بىر مىليون 397 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يىللىق ۋەزىپىنىڭ 52 پىرسەنتى ئورۇنلىنىپ بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «شۇ جايدا ياكى يېقىن جايلاردا ۋە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» شوئارى بويىچە خىتاي دائىرىلىرى ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى يېزىلاردىن ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىگەن. بۇ خىلدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئۈچ يىللىق پىلان بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا قوشنا ناھىيەلەر ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەلگەن. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى ئاشۇرۇلغان.

ئۆتكەن مەزگىلدە بۇ خىلدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» يۆتكەشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا پايدىلىنىش ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپلەپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن پەرھات يۇرۇڭقاش بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇرلار دىيارىدا شۇنچە كۆپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى مەۋجۇت بولسا ئۇ ھالدا ئىچكىرى خىتايدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دەيدۇ.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە خەلقئارا قانۇنلاردىن مىسال كەلتۈرۈپ، «يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش ئەمەلىيەتتە يەرلىك مىللەتلەر ھەققىدىكى خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت