دائىرىلەر لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەشنى كۈچەيتىش ھەققىدە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق بىر ئوبلاست 3 ۋىلايەتتىكى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەشنى كۈچەيتىش ھەققىدە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 9‏-ئايغا قەدەر دائىرىلەر قەشقەر، خوتەن، قىزىل سۇ، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى 245 مىڭ «ئېشىنچا يېزا ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇ ئوبلاست، ۋىلايەتلەردىكى ھەر بىر يېزا-كەنتلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىزچىل ئېلىپ بېرىش ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تەخمىنەن 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىنمۇ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا يۆتكەشنى بوشاشتۇرمىغان. بەلكى، تېخىمۇ تېزلەتكەن ھەم كېڭەيتكەنىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10‏-ئۆكتەبىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يۇقىرىقى ئوبلاست، ۋىلايەتلەر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەشتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا، يۆتكەش ئىشىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» بار ئائىلىلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشكەن. خەۋەردە، يەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرىنىڭ كارخانىلار بىلەن توختام تۈزگەنلىكى، بىر قىسىم «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ ئۆز جايىدا، بىر قىسمىنىڭ رايوندىكى باشقا جايلاردا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەسىلىدە «خاۋيۈي توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى»، «شىنجاڭ جىكاڭدا قەغەزچىلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى»، «شىنجاڭ جوڭتەيشىڭ بىئو-خىمىيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق كارخانىلار يەرلىك دائىرىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا سېلىش بىلەن چەكلىنىپ-قالغان-قالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 7‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان 8 خىتاي شىركىتىنى «قارا تىزىملىككە» كىرگۈزگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت