خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى» قوبۇل قىلسا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلسا سىياسىي جەھەتتىكى تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش» سىياسىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى، شەھەرلەردىكى كارخانىلار ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كەلگەن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلسا ئۇلارغا يىلدا ئاز دېگەندە 300 مىڭ سوم تولۇقلىما بېرىپ، ئالاھىدە سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلىشنى قارار قىلغان.

يۇقىرىدىكى بۇ ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كارخانىلار چوقۇم ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدىن تەشكىللەپ كىرگۈزگەن ئىشلەمچىلەردىن ئاز دېگەندە 30 نەپىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا «13-بەش يىل» مەزگىلىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە چوڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ يېزىلاردىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا يەنە، يۇقىرىدىكى سىياسەت بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كىرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئادەملەر بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا زاۋۇت ئۆيى، يايما ئورنى ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىدىكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش جەھەتلەردە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت