ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-07-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەردىن بىر مىليون 504 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ كىشىلەر « ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلارغا يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنى شىمال بىلەن جەنۇب ئارىسىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان.

ئەمما خەۋەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ قەيەردە، قانداق ئورۇنلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

«ئېشىنچا، يەنى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش»، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 2 مىليون 200 ئادەم قېتىم يۆتكەش خىزمەت نىشانىنىڭ 68 پىرسەنتى ئورۇندىلىپ بولۇنغان.

مەزكۇر ھۆكۈمەت خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بېرىش نامىدا بىۋاسىتە ئالاقە قىلىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، بۇ يىل 18 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ياش قىزلىرى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىچكىرىگە يۆتكەپ زاۋۇتلاردا ئىشلىتىش، بۇ خىزمەتلەردە مەجبۇرلاش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى. 2009-يىلى، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈئەن رايونىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرى بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋەقەسى جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

دائىرىلەر، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، دەپ تەشۋىق قىلغان. بىراق، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتلىرىدا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن جەنۇبىي رايونلارغا يۆتكەپ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەت دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت