تۈركىيە مىللەت ۋەكىلى فاخرەتتىن يوقۇش خىتاي ئەلچىخانىسىغا تۇخۇم ئاتقانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

29-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا چىققان بىر تالاش-تارتىشتا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى فاخرەتتىن يوقۇش ئۆزىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە داۋاملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقى ۋە نامايىشلاردا خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ تۇخۇم ئاتقانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فاخرەتتىن يوقۇش 29-نويابىردىكى يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. قولىدا «خىتاينىڭ پۇلى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالە بېسىلغان «قارار» گېزىتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۆزلىگەن فاھرەتتىن يوقۇش 29-نويابىر خىتاينىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومېسسىيونىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئەمما ئىككى تەرەپ سۆھبىتى داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس، بەلكى تىجارەت تىمىسىدا سۆز بولۇنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۈگۈنكى يىغىندا تۈركىيەن نېمە ئۈچۈن پۇلغا سېتىلغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى سوراق قىلغان.

يىغىندا ئاق پارتىيەنىڭ بىر ۋەكىلى فاخرەتتىن يوقۇشنىڭ تۈركىيە پارلامېنتتدىكى «خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندە بىر مەيدان ھارارەتلىك تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان. فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر «دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە ھېساب سوراش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى ۋە بولۇپ ئۆتكەن يىغىنلاردا بۇ دېگىنىنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى تەۋرەنمەس مەيدانىنى پاكىتلار بىلەن ئەسلىتىپ ئۆتكەن. 
ت ر ت نىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى خاقان چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تەرەپ بىلەن بۈگۈنكى سۆھبىتىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە يېقىندا ئاشكارىلانغان خەۋەرلەر توغرۇلۇق ئىزاھات بېرىشنى سورىغان. ئۇ قارشى تەرەپنى ئۇيغۇر رايونىنى خەلقارا ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا ھەمدە تۈركىيەگە نىسبەتەن پىكىر ۋە ئۇچۇردا ئوچۇق بولۇشقا دەۋەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت