شادى ھامىد: «ئامېرىكالىقلار فاشىزىمنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەلىمىدە فاشىزىمنىڭ تەكرارلىنىشىغا ئوخشىتىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ فاشىزىم چۈشەنچىسىدىكى مەسىلىلەر يەنە بىر قېتىم كىشىلەر دىققىتىگە سۇنۇلدى. «ئاتلانتىك» تورىدا 25-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا «بروكىڭ ئاقىللار مەركىزى» نىڭ خادىمى شادى ھامىد بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى.

ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ئىيۇن ئايلىرىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم كاتتون ھەرقايسى شىتاتلاردا مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان «قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىمۇ جان» ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىش لازىملىقى ھەققىدىكى باش ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم كىشىلەر تۇشمۇتۇشتىن ئۇنى «فاشىست» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئاپتور بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قوشۇن ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى رەتكە سېلىشى ھەرقاچان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ‹فاشىزىم› دېيىلىۋاتىدۇ،» دەيدۇ. شۇنىڭدەك «ئەگەر سىز توم كاتتوننى مۇشۇنىڭغا قاراپلا فاشىست، دەپ قارىسىڭىز ئۇ ھالدا سىزنى فاشىستنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىكەن، دېسەك بولىدۇ» دەيدۇ.

ئاپتور بىر قىسىم ئامېرىكا جامائىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئەھۋالدا ئىشقا سالغان مۇشۇ خىلدىكى تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى فاشىزىملىق بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىد قىلىدۇ. شۇنىڭدەك نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ خوڭكوڭدىكى تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرغان خىتاي ساقچىلىرىنى «فاشىست» دېمەيدىغانلىقىغا سوئال قويىدۇ. ئۇ يەنە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان لاگېرلار ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ لاگېرلارغا قامىلىشى، شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردىكى جىسمانىي قىيناق، ئۆلۈم ھادىسىلىرى ۋە باشقا فاشىزىملىق خاراكتېردىكى باستۇرۇشلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى فاشسىتلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت