خىتاي بىلەن فىرانسىيە 15 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا جامائەت فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقى ئالاھىدە يەر ئالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ توختامدا ئاساسلىقى فىرانسىيە شىركەتلىرىنىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن توخۇ گۆشى، كالا گۆشى ۋە چوشقا گۆشى قاتارلىقلارنى ئېكىسپورت قىلىشى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئېنېرگىيە تۈرلىرى بار ئىكەن.

خەۋەرلەردە بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ئېيتىلمىغان بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق سۆز بولمىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە ئىكەن.

تولۇق بەت