ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەت لوندوندىكى «توماس رويتېرس فوندى جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەت 14-نويابىر كۈنى ئەنگىلىيەدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن بولغان «توماس رويتېرس فوندى جەمئىيىتى» نىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرقەت جەۋدەت «ئىشەنچ مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆزلەيدىكەن. ئۇ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «ئۆزىنىڭ ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئاپىسىنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىگە باشلىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە قىزىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بۇ داۋاسىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى» تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر ئىشارەت كۆرمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «يەنىمۇ كۆپ لاگېرلار داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتىدۇ. . . مەن بۇنىڭ مېنىڭ ئاپام بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ تارقىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. مانا بۇ سەۋەبتىن مەن ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇش يولىنى تاللىدىم،» دېگەن.

فىرقەت جەۋدەت يەنە خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلىپ دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.

فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئانىسى باشتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئاندىن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. فىرقەتنىڭ توختىماي مەتبۇئاتلارغا خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىپ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى 3 ئاي ئىلگىرى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يەنىلا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت