خىتاي ساقچىلىرى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-03-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي قورقۇنچى ئىلىكىدە ياشاشقا مەجبۇرلاش ئوپېراتسىيەسى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا كىرىشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئادرېسى، خىزمەت ئورنى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرى، خىتايدىن ئالغان كىملىكى بىلەن فرانسىيەدىكى كىملىكىنىڭ فوتوكوپىيەسى، فرانسىيەدە توي قىلغان بولسا جورىسىنىڭ كىملىكى، ھەتتا فىرانسىيە پاسپورتى ۋە توي خېتى قاتارلىقلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى دەرھال ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئەھۋال ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تۈركىيە، مىسىر ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەن. كېيىنچە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ يولسىز تەلىپى ياۋروپا ئەللىرى، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىچە كېڭەيگەن.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىش، ۋېچات قاتارلىق خىتايدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئەپلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قىسماققا ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى، د ن ئا ئامبىرى قۇرۇشى، ھەر بىر شەخس ئۈچۈن شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىزلىكىنى بېكىتىدىغان جەدۋەل چىقىرىشى ۋە باشقا چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا ئۆتكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەر شارى كۆلەملىك كونتروللۇق سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت