فرانسىيە ئەمەلدارلىرى: «پرېزىدېنت ماكرون خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشتىن چېكىنمەيدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە خىتايدا زىيارەرتتە بولىۋاتقان فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ زىيارىتىدە خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنت سارىيى ماكروننىڭ زىيارىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۇنىڭ «ھېچقانداق بىر چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقى»، «ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە سەمىمىيەت ئاساسىدا» خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتى، شۇنداقلا تور ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نازۇك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ماكرون نويابىر كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە 2‏-نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ماكروننىڭ 5‏-نويابىر كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ، ئۇنىڭ فرانسىيە پرېزىدېنتىلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خىتاينى 2‏-قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، فرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا جىددىي تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ فرانسىيە شۆبىسى 1‏-نويابىر كۈنى ئۇنىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ زىيارەتتە خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوچۇق خەتتە: «ماكروننى شى جىنپىڭغا ئوچۇق‏-ئاشكارە بېسىم ئىشلىتىپ، شىنجاڭدىكى سىياسى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تاقاشنى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ سىياسى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەنۇدى. لېكىن، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ماكروننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى فرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا مەنپەئەتىنى، شۇنداقلا مەدەنىيەت مۇھىتىنى قوغداش» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت