چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تۈرمىدىكى خىتاي مۇخبىر گاۋ يۈ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


مەركىزى فىرانسىيىدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 29 - ئىيۇل چارشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، راك كېسىلىگە گىرىپدار بولغان تۈرمىدىكى خىتاي مۇخبىر گاۋ يۈنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى گاۋ يۈنى تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا يەنە راك كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبلىك گاۋ يۈنىڭ لىمفا بېزى يەنە ئىششىپ يوغىنىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشقان ئەھۋالدىمۇ، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ھەر كۈنى كامىرغا بېرىپ ئۇنى سوراق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى جىنايىتىنى تونۇشقا، نۆۋەتتىكى ئادۋوكاتىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن مۇستەقىل مۇخبىر گاۋ يۈ 2014 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2014 - يىلى 11 - ئايدا يېپىق سوت ئېچىلىپ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن. 2015 - يىل 4 - ئايدا سوت دائىرىلىرى گاۋ يۈگە 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما گاۋ يۈ ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازاغا قايىل بولماي ئەرز سۇنغىنى ئۈچۈن، بۇ يىل 9 - ئايدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن 2 - قېتىملىق سوت ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت