ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇتقىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لۇك چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۇنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش-قىلالماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شەنبە كۈنى خىتايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن سۆزلىگەن ئاخىرقى نۇتقى. ئۇ خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماكس باكۇس ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

گەرىي لۇك، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا مەدەنىيەت مەركىزىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتىقىدا يەنە، گراژدانلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ھەق-ھوقۇقى قىسقا مۇددەتلىك ئىجتىمائىي مۇقىملىققا قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك، دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ كەلگۈسىنى زور ئىستىقبال كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىراق بۇنىڭغا يېتىش بىتەرەپ ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەدلىيە ۋە قابىل ئادۋوكاتلارنىڭ يېتىشىپ چىقىش-چىقماسلىقى، پاراسەتلىك رەھبەرلەرنىڭ بولۇش-بولماسلىقى، بولۇپمۇ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا يول قويۇش قويماسلىققا باغلىق.

گەرىي لۇك يەنە، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەكىتلەپ، خىتاي ئۆزىگە ئىشىنىپ، دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، دېگەن. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گەري لۇكنىڭ سۆزىنى دەرھال رەت قىلدى. تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ، ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت