خىتايدىكى مۇستەقىل ئايال ژۇرنالىست گاۋ يۈ نارازىلىق ئەرزى بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا ئۆتكەن ھەپتە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇخبىر گاۋ يۈنىڭ ئادۋوكاتى، 21-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گاۋ يۈنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گاۋ يۈنىڭ ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گاۋ يۈ نارازىلىق ئەرزىنى ئىنتايىن ئىخچام يازغان بولۇپ، ئۇ نارازىلىق ئەرزىدە «1-قېتىملىق سوتنىڭ ھۆكۈمى مەيلى پاكىت جەھەتتىن بولسۇن ياكى جىنايەت بېكىتىشتە بولسۇن، قانۇن ئەدلىيە ئەخلاقىدىكى ئادالەت پرىنسىپىنى دەپسەندە قىلدى» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن.

17-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭ ئوتتۇرا سوتىنىڭ 3-مەھكىمىسى خىتايدىكى مۇستەقىل ئايال ژۇرنالىست گاۋ يۈنى «مىنجىڭ ئايلىق ژۇرنىلى» قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە خىتايدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلغانلىقىنى جىنايەت دەپ بېكىتىپ، ئۇنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى گاۋ يۈنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت