د ئۇ ق گېرمانىيەدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ئاچىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە مۇشۇ ئاينىڭ 25- ۋە 26-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى» نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغان خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلىدۇ.

«ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى: ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى خىرىسلار» نامىدىكى مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئېچىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ مەزكۇر يىغىنىغا «ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى» ۋە «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر جەمئىيىتى» مۇ بىللە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

مەزكۇر ئىككى كۈنلۈك يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر، شاھىتلار ۋە ھەرساھە ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ھازىرقى مۈشكۈلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان باشقا تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولىدۇ.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم تېما، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلانغان دوكلاتقا قاراپ چىقىشتۇر. بۇ ئۇيغۇرلار 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىن قېچىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە زۇلۇم دەستىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى زۇلۇم تۈپەيلىدىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قوشنا بولغان تايلاند، كامبودژا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىققاندىن كېيىنكى بەختسىز قىسمەتلىرى ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلار بۇ مەسىلىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى بەلگىلىگەن ئامىللار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت