گېرمانىيە خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى چەكلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر گېرمانىيە ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ چەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ بېيجىڭدا ئىشخانا ئېچىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەلەپ ۋە ئەندىشىلەرنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئاندرېس مىكالىس ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «گېرمانىيە-خىتاي ژۇرنالىستلىرىنىڭ دىئالوگى» ناملىق يىغىندا سۆز قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ گېرمانىيە ئاساسى قانۇنىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالغان.

ئاندرېس مىكالىس، ئاخبارات ئەركىنلىكى گېرمانىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ نېگىزلىك ماددىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «بىز خىتايدىكى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئەندىشىگە چۈشتۇق» دېگەن.

بۇ قېتىمقى «گېرمانىيە-خىتاي ژۇرنالىستلىرىنىڭ دىئالوگى» غا قاتناشقان خىتاي ژۇرنالىستلار ئۆمىكىگە خىتاي مىنىستىرلار كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو ۋېيمىن يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئاندرېس مىكالىس يەنە «بىز شۇنداق دەپ قارايمىز، بىز ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك. گېرمانىيەدىكى ھەرقانداق مېھمانخانا ۋە ئائىلىدە خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنى كۆرگىلى بولىدۇ. لېكىن ‹گېرمانىيە دولقۇنلىرى› نى نېمىشقا خىتايدا كۆرگىلى بولمايدۇ؟» دەپ تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گو ۋېيمىن ئاخباراتنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى چۈشۈنىشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاندرېس مىكالىسنىڭ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا خىتايدا نېمە ئۈچۈن يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىگە جاۋاب بەرمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدەك سىياسىي ۋەزىيىتى سەزگۈر رايونلارغا بېرىپ، خەۋەر بېرىشىنى ياكى بارغانلارنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە يېقىنلىشىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت