ئانگېلا مېركېل خانىم بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مېركېل خانىم بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ «شۇنداق بولغاندىلا بىز سۆھبەتلىرىمىز ھەقىقىي مەۋجۇت مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىپ، بۇنىڭغا توغرا بىر چارە تېپىش ۋە يېڭى ئىمكانلارغا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتالايمىز» دېگەن.

ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ خىتايدىكى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنى خىتايدىكى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكىتلەشكە چاقىرغان ئىدى.

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىمۇ ئانگېلا مېركېل خانىمغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئانگېلا مېركېل خانىمغا يوللىغان يوللىغان مەكتۇپىدا، ئۇنى نۆۋەتتە ئېغىر مىللىي باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئانگېلا مېركېل خانىم خىتايغا مېڭىشتىن ئاۋۋال قىلغان سۆزىدە، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىقتىساد ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت