گېرمانىيە باش ئەلچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىدا ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايكىل كلاۋىس 16-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى ھەمدە بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچۈن بىر يېڭى زەربە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا مايكىل كلاۋىسنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشى خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلەر قاتارىدا تور دۇنياسىغا بولغان كونتروللۇق ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن. جۈملىدىن شۇ قاتاردا ۋاتسئاپ قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى توختىتىلىپ، مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) غا بولغان نازارەت كۈچەيتىلگەن.

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ھېچقانداق ئىشەنچى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي جەمئىيىتى ھازىرقىدەك قالايمىقانلىشىۋاتقان بىر ئەھۋالدا بۇ خىل كونتروللۇق 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت