غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيەلىك مۇخبىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە جۈمە كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيەلىك ئىككى مۇخبىر ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىر ئەسلىدە تيەنئەنمېن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقىپ ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا غايىب زاكىر مەمەتنىڭ ئايالى ئايپاشا بىلەن كۆرۈشكەن؛ مۇخبىر ئەمدىلا زىيارىتىنى باشلىشىغا نەق مەيدانغا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ، مۇخبىرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بارغان ۋە 7 سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئائىلىلەر بىلەن قايتا سۆزلەشمەسلىك شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەن.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن يەنى يەكشەنبە كۈنى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن پاتىگۈل غۇلام ۋە ھېلاجى بىلەن كۆرۈشكەن فىرانسىيەلىك مۇخبىرمۇ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىلىپ، بىرقانچە سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتۇرۇۋېتىلگەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتمەكتە؛ ئەمما خىتاي ساقچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت