ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بۈگۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب بولغان ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا مەلۇمات بېرىشكە، خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا ۋە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

مەزكۇر باياناتتا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قائىدە-نىزاملارغا بويسۇنۇشقا جىددىي دەۋەت قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «2009-يىلىدىكى ‹ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى› ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىغا ئوق چىقىرىپ باستۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مەسىلىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش سەمىمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 2009-يىلىدىن بۇيان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئانا تىل ھوقۇقى، ئەركىن پىكىر ۋە يىغىلىش ھوقۇقى شۇنداقلا ئىقتىسادىي پۇرسەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

باياناتتا يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دەلىللىگەن نەچچە ئونلىغان غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسى تىلغا ئېلىنىپ، 8 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت