كانادا گېزىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ «يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى» 1‏-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست يارەنلىرىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ناتان ۋاندېركلىپ «غايىبلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈش: ئۇرۇق-تۇغقان، دوست يارەنلىرى غايىب بولغان ئۇيغۇرلارغا ئارخىپ تۇرغۇزماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە سۈكۈت قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئاشكارا سۆزلىسە ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا زىيان-زەخمەت يېتىدۇ، دەپ سۈكۈت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توردا شەخسىي گۇۋاھلىق بېرىش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئۇچۇر يوللاش، «شىنجاڭ قۇربانلار ئۇچۇر ئامبىرى» نى ئىسىملىك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە كىرىشكەن.

خەۋەردە، ھازىرغا قەدەر توپلانغان ئىسىملار يەنىلا ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى يىغىنىدا نۇقتىلىق مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناس جېنى بۇنىننىڭ «شىنجاڭ قۇربانلار ئۇچۇرى ئامبىرى» ھازىرغا قەدەر 282 كىشىنىڭ ئىسمىنى توپلىغان.

تۈركىيەدىكى بىر پائالىيەتچىنىڭ 50 نەپەر يازغۇچى، شائىر، زىيالىي ۋە تىجارەتچىنىڭ ئىسمىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لاگېردىكى 680 نەپەر كىشىنىڭ، كانادادىكى بىر تەشكىلاتچى 79 كىشىنىڭ ئىسمىنى يىغقان. ئىندىئانا شتاتىدىكى روز-ھولمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى تىموتىي گروس «شىنجاڭ قۇربانلار ئۇچۇر ئامبىرى» نى قۇرغۇچى شەخسلەرنىڭ بىرى.

«يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، تىموتىي گروسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى لاگېرلار مەسىلىسىنى رەت قىلغىلى بولمايدىغان دەلىللەر بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت