«غەربىي رايون پىلانى»نامىدا يەنە 1800 خىتاي ستودېنتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يېتىپ كېلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


30 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى «غەربىي رايون پىلانى»نامىدا يەنە 1800 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يېتىپ كېلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ،«بۇ 28 - ئىيۇل خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۈەننىڭ 14دىۋىزىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاتالمىش «غەربىي رايونغا ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلار» دىن كېيىن، بىر ھەپتە ئىچىدە 2 - تۈركۈم خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى. شەرقىي تۈركىستاندا ئىشسىزلىق ئېغىرلىشىپ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئىشسىز قېلىپ، نارازىلىق كۈچىيىۋاتقاندا، رايوندىكى ئازغىنا ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتايلارغا بېرىلىشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 31 - ئىيۇل جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ 27 ئۆلكىسىدىن «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە كەلگەن 1800 نەپەر پىدائىي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا يۈرۈپ كەتكەن. خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «غەربىي رايون پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىككە كەلگەن «پىدائىيلار» 11 مىڭ 666 نەپەر، بىڭتۈەنگە كەلگەن «پىدائىيلار» 6458 نەپەرگە يەتكەن. 10 يىل ئىچىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى داۋاملىق ئىشلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا قېلىپ قالغان.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈم - تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئاتالمىش مەبلەغ سالغۇچىلار، پىدائىيلار، پاختىكارلار، تېخنىكلار، دېقانچىلىق ماھىرلىرى دېگەن ناملاردا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە باشقا ناملاردا تۈركۈم - تۈركۈملەپ شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىنىپ يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئاللىقاچان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتىنىڭ ئېشىشى، مال - باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، خىتاي نوپوسى كۆپىيىپ ئۇيغۇر نوپوسىنىڭ شالاڭلىشىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت