جياڭسۇلۇق ساقچىنىڭ ئايالىنىڭ غۇلجىدىكى ۋەزىيەتكە ئائىت بايانلىرى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان تەيۋەننىڭ «پ ت ت» ناملىق بىر تور بېتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇچۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

مەزكۇر ئۇچۇرنى يولدىشى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمىتى بويىچە غۇلجىدا ساقچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان جياڭسۇلۇق ۋاڭ فامىلىلىك بىر ساقچىنىڭ ئايالى ئاشكارىلىغان. ئۇ يولدىشىنىڭ دادىسى ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن جياڭسۇغا رۇخسەت سوراپ يېنىپ كەلگەندە ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى يۇقىرىقى بۇ تور بەتتە ئېلان قىلغان.

ئۇ ئىسپاتنامىسىدە غۇلجىدا تولىمۇ ئېغىر نازارەت ۋە تەقىب يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەر 500 مېتىردا بىردىن ساقچى پونكىتى، ھەربىر ئىشىك ئالدىدا بىردىن كامېرا بولغاندىن سىرت يەنە بەزى ئورۇنلاردا مەخپىي كامېرالار بارلىقىنى ۋە بۇ كامېرالارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ پوستتا تۇرىدىغانلىقى، ھەر كۈنى ئاخشام 6 دە خىتايچە ۋە سىياسىي قانۇن دەرسى ئاڭلاشقا، ئەتىگەندە بايراق چىقىرىشقا چىقىدىغانلىقى، كوچىلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئون مىنۇتتىن ئارتۇقمۇ پاراڭلىشىپ تۇرالمايدىغانلىقى، ھەممىلا يەردە تەكشۈرۈش-نازارەت بارلىقىنى، قىسقىسى بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۇيغۇرچە، قازاقچە دېگەندەك ئانا تىل دەرسلىرىنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ھەر كۈنى 12 سائەت بويىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار مەلۇماتلارنىمۇ بەرگەن.

بولۇپمۇ ئۇ ئىسپاتنامىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە شۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ جۈملىدىن شۇ يەرلەردە مۇقىملىق ئۈچۈن ياكى لاگېرلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايلاردىمۇ قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ھازىر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلەردىن جاق تويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى بۇ ۋاڭ فامىلىلىك ئايالنىڭ ئاشكارىلىغانلىرى يېقىندىن بۇيان رادىيومىز مۇخبىرلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە باشقا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئېيتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بەرگەن.

يېقىندا «زىمىستان» تورى زىيارەت قىلغان بىر خىتاي لاگېر خىزمەتچىسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىزمىتىدىن تويغانلىقىنى، لاگېردا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئېغىر روھىي بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ خالىغان ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتىپ، سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت