«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن ئامېرىكالىقلارنى «گۇگۇل ئۇيغۇر» ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن 31-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى يازمىسىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىدى.

ئۇ ئامېرىكادىكى بىر گۇررۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى NBA نىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى «كاپىتال بىر» ناملىق تەنتەربىيە سارىيىدا 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ، «گۇگۇل ئۇيغۇر» دېگەن خەت يېزىلغان مايكىلارنى كىيىش ئارقىلىق قىلغان نامايىشىنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئامېرىكالىقلارنى بۇ ياشلارنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى. 

ئۇ ماقالىسىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ كۈنى «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئەركىنلىك» دەپ نامايىش قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكالىقلاردىن «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى گۇگۇل تورىدا ئىزدەپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، «سىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، ھەقىقەتنى بىلىپ بېقىڭ. ئاندىن پاكىتلار ئالدىدا نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ،» دەپ يازغان. 

ئۇ يەنە «ئەگەر سىز ئۇيغۇر دەپ گۇگۇل قىلغان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قورقۇنچلۇق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1 مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپىسىز،» دېگەن. 

جوش روگىن ماقالىسىدە يۇقىرىقى ياشلارنىڭمۇ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانى بولۇش بەدىلىگە مۇشۇنداق نامايىشلارنى تەشكىللەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە NBA نىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېز پۈككەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. 

ئۇ گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتتىن كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ سودا جەھەتتە كېلىشىش ھەققىدىكى قىلتىقىغا چۈشمەسلىككە دەۋەت قىلغان. جوش روگىن ماقالىسى ئاخىرىدا ئامېرىكا خەلقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىپ «ئۇيغۇرلار ئامېرىكا خەلقىگە خىتاب قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت