پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ۋىلايىتىدە ئىككى خىتاي پۇقراسى گۆرۈگە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ۋىلايىتىدە ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قاچۇرۇلغان.

بۇ ۋەقە 50 مىليارد دوللار دەسمايە سېلىنىدىغان خىتاي -پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ يۈرىكى دەپ قارىلىدىغان بالۇچىستاننىڭ كۋاتتا شەھىرىدە يۈز بەرگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانلار مەزكۇر شەھەردىكى بىر تىل مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان خىتاي ئەر-ئايال بولۇپ، ئۇلار بازارغا سودىلىققا چىققان چېغىدا نامەلۇم 3 كىشى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي سۆرەپ چۈشۈرۈپ، يەنە بىر ئاپتوموبىلدا ئېلىپ قاچقان.

ئەتراپتىكىلەر ۋەقەگە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغاندا، گۆرۈگە ئېلىپ قاچقۇچىلار ھاۋاغا ئوق چىقىرىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ۋەقەدە ئېلىپ قېچىلغان ئەر-ئايالنىڭ شوپۇرى يەنە بىر خىتاي پۇقراسى ئوق تېگىپ زەخىملەنگەن. ھازىرغا قەدەر بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار چىقمىغان.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالۇچىستان پاكىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى مول بىر ۋىلايىتى، ئەمما بالوچ خەلقى پاكىستاندىكى ئىقتىسادىي تەقسىماتتىن مەمنۇن ئەمەس. شۇڭا بالوچ ئۆكتىچى ۋە مۇستەقىلچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا قارشى تۈرلۈك شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. بالوچ پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم بالۇچىستاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي مۇتەخەسسىس ۋە ئىشچىلارنى گۆرۈگە ئالغان.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دۇچ كېلىدىغان مۇشۇ خىل قارشىلىقلارنىمۇ ئەسكەرتىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت