گۇاڭجۇدا ئاپتوبۇس پارتلاپ ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 7:30 دا گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر يولۇچىلار كوچا ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 32 ئادەم يارىلانغان.

گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغان 25 ياشلىق بىر خىتاي گۇماندارنى تۇتقانلىقىنى، ئۇنىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر گۇماندارنىڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا بومبا قويۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

مەلۇمكى، 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا مۇشۇ تۈردىكى ئوخشاش ۋەقە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان خاڭجو شەھىرىدىمۇ يۈز بېرىپ، 32 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئەگەردە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرسە دائىرىلەرنىڭ ئۇنى مۇتلەق ھالدا «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي گۇماندارلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ «خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت» دېگەن قالپاق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت