«گۇانتانومودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» لوندون كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«كانادالىق رېژىسسور پاترىشئو ھېنركيۇزنىڭ «گۇانتانومودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالغا قاتنىشىدۇ.

مەزكۇر فىلىمدە ئابابەكرى قاسىم، خېلىل مامۇت، ئەخمەت ئابدۇلئەھەد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق گۇەنتاناموغا قامالغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ گۇەنتانامودىكى تۈرمە ھاياتى بايان قىلىنغان.

رېژىسسور، فىلىمدە سابىق گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ كەچۈرمىشىنى بايان قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئۇيغۇر رېئاللىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ، مەزكۇر فىلىمنىڭ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە 2‏-قېتىم خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلىشىدۇر.

«ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدىكى يالغانلار» بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا چېخ پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر دۇنيا» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىملەر فېستىۋالىغا قاتناشقان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇ قاتنىشىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى 22‏-مارت باشلىنىدۇ. فېستىۋال 26‏- مارت كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى بۇنىڭدىن 25 يىل ئاۋۋال باشلانغان بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە، لوندون، تورونتو قاتارلىق 10 خەلقئارا شەھەردە ئايرىم -ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىغا ئايلانغان.

تولۇق بەت