ئامېرىكالىق ياشلار «گۇگۇل ئۇيغۇر ھەرىكىتى» ئارقىلىق لاگېر مەسىلىسىگە دىققەت تارتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

9-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان «كاپىتال بىر» ناملىق ۋاسكېتبول مۇسابىقە مەيدانىدا ئۈچ ئامېرىكالىق ياش «گۇگۇل ئىزدەش تورىدا ئۇيغۇرلارغا دىققەت بېرىڭلار» دېگەن خەتنى تۇتۇپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا دىققەت تارتتى.

مەزكۇر ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان جون شىۋىپپىنىڭ تىۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدىكى كۆرۈنۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ مەيداندا ئامېرىكادىكى «ۋىزېردىس» كوماندىسى بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىن كەلگەن «ئۇزۇن شىر» كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. يۇقىرىقى بۇ 3 ياش پائالىيەتچى مەيدانغا كىرىپ تاماشىبىنلار ئارىسىدا «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك» دېگەن خەت يېزىلغان مايكىنى كىيىپ، قولىدا يەنە ئوخشاش خەت يېزىلغان قەغەزنى تۇتۇپ تۇرغان.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيداندىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامانلىق خادىملىرى كېلىپ ئۇلاردىن بۇ خەتنى ئېلىۋالغان. ئاندىن كېيىن ئەگەر يەنە شوئار يېزىلغان خەت كۆتۈرگەن تەقدىردە مەيداندىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما بۇ ياشلار ئارقىدىنلا يەنە قولىغا «ئۇيغۇرلارنى گۇگۇل تورىدىن ئىزدەڭلار» خەت يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى كۆتۈرۈپ تۇرغان.

بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئىككى نەپەر مەسئۇل خادىم كېلىپ ئۇلاردىن بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەلەپ قىلغان. پائالىيەتچى ياشلاردىن بىرى بۇنىڭغا جاۋابەن «بىز بۇ يەردە سىياسەت قىلمىدۇق. پەقەتلا كىشىلەرگە گۇگۇل تورىدا ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئىزدىنىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمىز. بۇ دېگەن بىلىم، سىياسەت ئەمەس،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ يەنە يۇقىرىقى مەسئۇل كىشىگە: «مەن سىزگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قوياي، ئۇيغۇرلار دېگەن خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت. ئۇلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى،» دەيدۇ. بىراق يۇقىرىقى خادىم بۇ يەردە سىياسىي تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىغانلىقىنى تەكرارلاپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى خەتنى تارتىۋالغان.

يۇقىرىقى بۇ كۆرۈنۈشلەر تىۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە زور ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ تىۋىتتېردا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن گۇگۇل تورىغا كىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئىزدەنگەن.

يۇقىرىقى ياشلارنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكادا NBA ۋاسكىتبول گۇرۇپپىسىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللىغان تىۋىتى سەۋەبلىك خىتايدىن كەچۈرۈم سورىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر ھەرىكەت، دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت