ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە «سېرگىي ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىمىزنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە ئابدۇقېييۇم خوجا «سېرگىي ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

«خەلقئارالىق ماگنېتىسكىي ئادالەت ھەرىكىتى» ناملىق ئورگان تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىش مۇراسىمى 14-نويابىر كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 

بۇ مۇكاپات بىل بروۋدېر، مىگان ماككېيىن ۋە ئامەل كلۇنىي قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر تەرىپدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. گۇلچېھرە خانىمنىڭ مۇكاپاتى «يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى ۋە مەزكۇر مۇكاپاتنى تارقاتقۇچى ئورگاننىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بولغان بىل بروۋدېر ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلدى. ئۇ گۈلچېھرەنى تونۇشتۇرغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلارغا قامىغاندا گۈلچېھرەنىڭ لاگېرلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن مۇھىم خەۋەرلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ 40 دىن ئارتۇق ئائىلە ئەزاسىنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جاسارەت بىلەن زۇلۇمنى ئاشكارىلاشنى داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. 

گۈلچېھرە خانىم مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغاندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارادا «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» قا بېرىلگەن ھەربىر تەبىر ۋە ئۆلچەمگە يېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خەلقئارا جامائەتنى ناتسېستلار گېرمانىيەسى مەزگىلىدە يۇز بەرگەن پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. 

«سېرگىي ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىن ئاخباراتچىلىق ۋە ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى بويىچە جاسارەت كۆرسەتكەن كىشىلەرگە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇكرائىنىيە، فىلىپپىن، روسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي 8 كىشى ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت