خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى گو ۋېنگۇي ئېلان قىلغان مەخپىي ھۆججەتنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 8‏-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتى تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە سۈرگۈندىكى خىتاي مىليادېر گو ۋېنگۇي 5‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەخپىي ھۆججەتنىڭ چىنلىقىنى ئىنكار قىلغان.

گو ۋېنگۇي 5‏-ئۆكتەبىر ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىغا 27 نەپەر جاسۇسلۇق خادىمى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر مەخپىي ھۆججەتنى ئېلان قىلغان. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ جاسۇسلار ئارقىلىق ئامېرىكادا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گو ۋېنگۇي 5‏-ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەشنى پىلانلىغان. بىراق خۇدسون ئىنستىتۇتى بىر قانچە سائەت بۇرۇن نۇتۇق سۆزلەشنى بىكار قىلغان. ئامېرىكا «ۋول-ستېرىت ژۇرنىلى» گېزىتى خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ۋە ئۇنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نۇتۇق سۆزلەشنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋول-ستېرىت ژۇرنالنى» گېزىتى يەنە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جەف سېشىئوننىڭ شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا خىتاي ج خ مىنىستىرى گو شىڭكۈنگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 8‏-ئۆكتەبىر رويتېرز ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمىدا قولى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە گو ۋېنگۇينىڭ ساختا ھۆججەت ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇ پاش قىلغان نەرسىلىرىگە پاكىت ئويدۇرماقچى بولغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى تاپشۇردى ۋە ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشىنى رەسمىي تەلەپ قىلدى.»

گو ۋېنگۇي 5‏-ئۆكتەبىر ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى «چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقاندىن ۋە پەرەز قىلىنغاندىن كۆپ ئېغىر،» دېگەن ئىدى.

تولۇق بەت