شىخەنزىدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يېڭى ھاۋا يولى لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي پايتەختى بېيجىڭ ۋە باشقا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان ھاۋا يولى لىنىيەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىلىشى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن خەلقئارادىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ مەركىزى شەھىرى ھېسابلانغان شىخەنزىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان يېڭى ھاۋا يولى لىنىيەسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلايدىكەن.

شىخەنزە شەھىرىدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ھاۋا يولى لىنىيەسى ئېچىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 15-ئىيۇل كۈنى شىخەنزە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يېڭى ھاۋا يولى لىنىيەسى ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىدا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە سالىدىغان ئىقتىسادىي سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن بولۇپ، ھەتتا بەزى تۈرلەردە بىڭتۈەنگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي مەبلەغ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىڭكىگە تەڭلەشكەن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ناھىيىتى ئېنىق قىلىپ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىنى قوغداش ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك تايانچ كۈچ» دەپ كۆرسەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، شىخەنزە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق باشقا شەھەرلەردىن خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان يېڭى ھاۋا يوللىرى بىلەن پويىز لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىماقتا.

تولۇق بەت