ھىندونېزىيە تەتقىقات ئورنى: «ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدا ئىقتىساد ئاساسلىق ئامىل ئەمەس»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندونېزىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىغا قارىتا ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي كەلگەنىدى. ھىندونېزىيەدىكى «توقۇنۇشلارنىڭ سىياسىي ئانالىز ئىنستىتۇتى» ناملىق بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ 20‏-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدا ئىقتىسادىي ئامىل ئاساسلىق مەسىلە ئەمەس ئىكەن.

«ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئىزاھاتى» ناملىق دوكلاتتا، ھىندونېزىيەلىكلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىنى زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى، دەپ چۈشەندۈرۈشىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىغا ۋە يېقىندا جاكارتانى زىيارەت قىلىپ، ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ قارىشى مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى قانۇنلۇق ئىنكاس، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندىن كۆپرەك ئۇنىڭ پاپۇئا مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بەرگەن پىكرىگە قۇلاق سېلىشنى خالايدۇ.»

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، 2 ‏-چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئىقتىسادىي ئامىل ئاساسلىق مەسىلە ئەمەس» كەن. مەزكۇر دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۆلەتلەر مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. 

دوكلاتتا، ھىندونېزىيەدىكى چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قايىل بولغانلىقى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بۇ رايوندىكى «كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە گۇمان بىلەن قاراپ، ئۇنى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش تەشۋىقاتى، دەپ رەت قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت