خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشۇڭنى كومپارتىيىدىن چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىل 9 - ئاپرېلدىن باشلاپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشۇڭنىڭ 30 - ئىيۇل كۈنى كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گو بوشۇڭ 2014 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى شۈ سەيخۇ، خىتاي ھەربىي ئارقا سەپ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىڭ قاتارلىقلاردىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان يەنە بىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ 2013 - يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن، «پارىخور ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىشتە چىۋىننىمۇ، يولۋاسنىمۇ تۇتۇش» چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە 2013 - يىلى يىل ئاخىرى باشلانغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ھازىرغا قەدەر 50 تىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار، 20 گە يېقىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار، 10 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار پارىخورلۇق قىلىمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت