26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن قۇمۇلدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن، قۇمۇلدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق توقۇنۇش ۋەقەلىرىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مانېۋىر قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىي دەريا رايونىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدە (يەنى خىتايچە شىخې رايونى دەپ ئاتىلىدۇ) ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمما خەۋەردە مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىغان.

قۇمۇل شەھىرى پىچان ناھىيىسىنىڭ قوشنىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پىچان ناھىيىسى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت