خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە راست ئوق ئېتىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ لەنجۇ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق توپچى قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدە راست ئوق ئېتىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

«خەلق» گېزىتى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنكى خەۋەرلىرىدە، مانېۋىرنىڭ كونكرېت ئورنى، قاتناشقان ئادەم سانى ۋە ئىشلەتكەن قوراللار-ياراقلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق مانېۋىردا راست ئوق قوللانغانلىقىنى ۋە مانېۋىرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر جايدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە مانېۋىر ھەربىي قىسىملارنىڭ ئېگىزلىكتىكى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىمنى نىشان قىلغانلىقى مەجھۇل.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يىل 4-ۋە 5‏-ئايلاردا ھىندىستان-خىتاي قىسىملىرىنىڭ ئاقسايچىن بىلەن جامۇ-كەشمىردىكى چېگرا كونترول سىزىقىدا تىركىشىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىنى بازا قىلغان تۈركىستان جىھادچىلىرىنىڭ تاسادىپىي ھۇجۇمىغا قارشى تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەلقائىدىنىڭ كاتتىۋېشى ئايمان ئەلزاۋاھىرى ئۆزىنىڭ ئېلان قىلغان جىھاد توغرىسىدىكى يېڭى يوليورۇقىدا، يەرلىك جىھادچى كۈچلەرنىڭ كافكازىيەدە رۇسىيەگە، كەشمىردە ھىندىستانغا، شىنجاڭدا خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەرگە قىلغان سەپىرىدە، ئامېرىكا 2014‏-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن تۈركىستان جىھادچى كۈچلىرىنىڭ تاسادىپىي ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

تولۇق بەت