شىنجاڭ ھەربىي رايونى يەرلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «قىزىللاشتۇرۇش» پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-05-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «دوستلۇق ۋە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش پائالىيىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر مۇراسىمغا ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى سېلىمجان سەيدۇللا ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مائارىپ نازارىتى ھەم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە، بولۇپمۇ رايوندىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا سىياسىي، ئىدېئولوگىيە ۋە تەشۋىقات جەھەتتە قەدەممۇ-قەدەم تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن.

1999-يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە بىرلىكتە ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش توختامنامىسى تۈزگەنلىكى مەلۇم. 2014-يىلى ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمى يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئاتالمىش «دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش» پروگراممىسى تەسىس قىلغان ئىكەن.

ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى سېلىمجان سەيدۇللا مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ھەربىي رايوننىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن چوڭقۇر دەرىجىدە «قىزىل باغلىنىشى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار، ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھەم ھەربىي ھەم سىياسىي مەقسەتلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت