ھىندونېزىيە تەپتىشلىرى ئۇيغۇر گۇماندارغا 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندونېزىيە تەپتىش مەھكىمىسى نۇرمۇھەممەت ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن شىئە مۇسۇلمانلىرىغا قارشى سۇيىقەست پىلانلىغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ دۆلەت تەپتىشلىرىنى بۈگۈن نۇرمۇھەممەت ئابدۇللانى ھىندونېزىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندونېزىيە دۆلەت تەپتىشلىرى: «نۇرمۇھەممەت ئابدۇللا ئادەم-بومبا ھۇجۇمىغا تەييارلانغان ھەمدە بەھرۇن نەيىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر قوراللىق گۇرۇپپىغا 2 مىڭ دوللار پۇل ياردەم قىلغان،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمۇھەممەت ئابدۇللا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا جاكارتا ئەتراپىدىكى بىر جايدا يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندار ئارىف ھىدايىتۇللا بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارىف ھىدايىتۇللا بۇ يىل 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھىندونېزىيە سوتى ئۇنى ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، جۈملىدىن خرىستىئان دىنىدىكى خىتاي نەسىللىك جاكارتا ۋالىيسى بىلەن شىئە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتى ھەمدە تايلاند، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت