ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى ئۇيغۇر ئېلىدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى لېتىنانت گېنېرال رانبىر سىڭ 9-يانۋار پەيشەنبە كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ جۈمە كۈنى خىتاي خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەربىي بازىلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلغان زىيارەتلەرنى ناھايىتى قاتتىق قامال قىلىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ھىندىستان گېنىرالىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى گېنېرال لېتىنانت رانبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ ھەقتە تېخى بىر بايانات بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستانلىق گېنېرال ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن چېڭدۇدىكى خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ غەربىي-شىمال قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇ يەردە قوماندان گېنېرال جاۋزوڭچى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، خەۋەردە «بۇ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى قوماندانلىق قىسىملىرىنى باشقۇرىدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى لېتىنانت گېنېرال رانبىر سىڭ خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال خەن ۋېيگو بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ھىندىستان تەرەپ ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى رەسمىي باياناتىدا «ئىككى دۆلەت گېنېراللىرى رايون تېنچلىقى، چېگرا بىخەتەرلىكى، ئورتاق ھەربىي مانېۋىر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تەسىرگە ئىگە مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلەشتى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر بولغان چىگرانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق،» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بىراق يۇقىرىقى ھىندىستان گېنىرالىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر ئارقىلىق پاكىستانغا چىگرالىنىدىغانلىقىنى، ھىندىستانغا تەۋە بولغان ئەمما خىتاي تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ئاقساي چىن رايونىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوتەن ۋىلايىتى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت