سابىق ئەمەلدار ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بىر سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھىندىستان ئەمەلدارى ماقالە ئېلان قىلىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يېقىندا ئېلان قىلغان دىنىي چەكلىمىلەرنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدى.

ماقالە ھىندىستاندىن چىقىدىغان «كۈندىلىك پىكىرلەر» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە مۇئەللىپى ئىلگىرى ھىندىستان دۆلەتلىك ساقچى مەھكىمىسىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ئەمەللەرنى تۇتقان كىشى ئىكەن.

ئاپتور مەزكۇر ماقالىسىدە ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېلدىن باشلا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.

خىتاي يېقىندا بىر 50 ماددىلىق يەرلىك نىزام بەلگىلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويغاننىڭ ئۈستىگە، يېمەكلىكلەرنىڭ «ھالاللىق ئۇقۇمىنى تەرغىب قىلىش ۋە پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم بېرىش» نىمۇ «ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئۇ، خىتاينىڭ مەزكۇر نىزامى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «قەبىھ ۋە ئىنسانىي تۇيغۇلاردىن مۇستەسنا بۇ يېڭى چەكلىمىلەر، مۇسۇلمانلارنى بىنورمال ئۇزۇن ساقال قويۇشتىن، ئاممىۋى سورۇنلاردا چۈمپەردە ئارتىشتىن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرۈشنى رەت قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ.»

ئۇ يەنە، ماقالىسىدە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا روزا تۇتۇشنى، مەسچىتلەردە يۇقىرى ئاۋازدا ئەرزان توۋلاشنى چەكلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەك.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر گەرچە ئوخشىمايدىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكى، ھەر ئىككىلا مىللەتنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكى ۋە بىر بىرىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە ھېسداشلىق قىلىشىدىغانلىقىنى يازغان.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندىستاننى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئىلگىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ ئېلىم تەھسىل قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭ بارا بارا سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە قوشۇمچە قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلى ھىندىستان ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىيالماي كەلدى.»

ھىندىستان ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسىنى بىكار قىلىپ خەلقئارالىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.


تولۇق بەت