ھىندىستاندا «شىنجاڭ ۋە خىتاي دۆلىتى-ئىسلاھات ئېراسىدىكى زوراۋانلىق» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستاندا چىقىدىغان «خەۋەر يولى» گېزىتىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ھىندىستاندا «شىنجاڭ ۋە خىتاي دۆلىتى-ئىسلاھات ئېراسىدىكى زوراۋانلىق» ناملىق يېڭى كىتاب نەشر قىلىنغان.

خەۋەردىن قارىغاندا، ئاپتور دېباشىش چاۋىدخۇرى بۇ كىتابنى يېزىشتا خىتاي مەنبەلىرىگە ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى مۇستەقىل مەنبەلەرگە تايىنىپ يازغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كىتاب ھىندىستاندا ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر ئېلان قىلىنغان ناھايىتى ئاز ساندىكى كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن قاتتىق قوللۇق بېسىم سىياسەتلىرى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان ئىسلاھات-تەرەققىيات ھەرىكەتلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىدەك پاكىتلار مۇھاكىمە قىلىنغان ئىكەن.

خەۋەر ئېيتىلىشىچە، ئاپتور كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ھازىرقى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھازىرقى دۇنياۋى ئىسلامىي ھەرىكەتلەر قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا كۈنتەرتىپىدە قانداق ئورۇننى ئالىدىغانلىقى ئانالىز قىلغان. كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا مەزكۇر كىتابنىڭ ھىندىستاندىكى خىتايشۇناس تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ ئارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت