ھىندىستان-تىبەت چېگراسىدا خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندى ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

9-ماي كۈنى ھىندىستان-تىبەت چېگراسىنىڭ سېككىم بۆلۈكىدە ھىندى ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئارىسىدا جىسمانىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئون نەچچە ئەسكەر يارىلانغان.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ قىسىملىرى چېگرا تالىشىپ مۇشتلاشقان شۇنداق بىر-بىرىگە تاش ئاتقان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن 7 ئەسكەر، ھىندىستان تەرەپتىن 4 ئەسكەر يارىلانغان. بۇ ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىيە قىسىملىرىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن چېگرا تالىشىپ يۈز بەرگەن تۇنجى جىسمانىي توقۇنۇشىدۇر. بۇنداق توقۇنۇش 2017-يىلى بۇتان-تىبەت چېگراسىنىڭ دوكلام تۆپىلىكىدە بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.

BBC نىڭ خەۋەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ماي پارتلىغان توقۇنۇش سېككىمنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ناكۇلا چېگرا بۆلۈكىدە يۈز بەرگەن. ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدا 1962-يىلى 3400 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنى تالىشىپ ئۇرۇش پارتلىغان. شۇنىڭدىن بېرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناكۇلادىكى توقۇنۇشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئىككى تەرەپ چېگرا قىسىملىرى ئارىسىدا يەنە كەشمىرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگراداش لاداق رايونىدىكى پانگوڭ كۆلى ئەتراپىدىمۇ جىسمانىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە توقۇنۇشنىڭ 5-ۋە 6-ماي كۈنلىرى يۈز بەرگەنلىكى، توقۇنۇشقا ئىككى تەرەپتىن 250 دەك ئەسكەر قاتنىشىپ، بىر-بىرىگە تاش ئاتقانلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپتە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پانگوڭ كۆلى ئاقسايچىن چېگراسىدا بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر كۆلنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ 3 دىن 2 قىسمىنى خىتاي ئەسكەرلىرى كونترول قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت