ھىندىستان-خىتاي توقۇنۇشىدا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدا ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. 16-ئىيۇن كۈنى سەھەردە BBC ئاگېنتلىقى ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇۋاتقان كەشمىرنىڭ لاداخ رايونىدا ئۆلگەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 20 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھىندىستان ئارمىيەسى بىزنىڭ چېگرا سىزىقىمىزدىن ئاتلاپ ئۆتتى. شۇڭا چېگرا قىسىملىرىمىز ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان» دېگەن. ئەمما ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئاخباراتلىرى ئۆلگەن بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەر ئەمەس، بەلكى خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان ئارمىيەسىمۇ بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا ئوق ئېتىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار نۆۋەتتە ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ بۇ قېتىمقى پاجىئەگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت