ھىندىستان-خىتاي توقۇنۇشى زور ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇشۇ ھەپتىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان ھىندىستان-خىتاي توقۇنۇشىدا 15-ئىيۇن كۈنى 20 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسىنىڭ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ خىتاي تەرەپتىن قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. نۆۋەتتە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە لاداخ رايونىدا خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 كە يېتىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتىكەن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان تەرەپمۇ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ «ئېغىر زەخم» يېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ «ھىندىستان تىنچلىقنى سۆيىدۇ. ئەمما ئىغۋاگەرلىككە ئۇچرايدىكەن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىز لاداختا قۇربان بولغانلانى ياد ئېتىمىز» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە زور دەرىجىدە كۈچىيىشى، شۇنىڭدەك ھىندىستان تەرەپنىڭ ئاقساي چىن رايونىغا يېقىن بولغان بۇ رايوندا يول ياسىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن خىتايغا قارشى نامايىشلاردا شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ۋە خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلگەن. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى ئاشكارا قوللاش پەيتى يېتىپ كەلدى» دېگەن مەزمۇندا ماقالىلەر ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت