ھىندىستاننىڭ بىر ئاخبارات تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستاندىكى «مەتبەئە» ناملىق ئاخبارات تەتقىقات ئورگىنى 1‏-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

«شىنجاڭدىكى گۇلاگلار ئاشكارىلىنىپ قالدى» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىنچىكە كۆزىتىلگەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، لاگېرلار ئاساسەن تەييار قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پىلانى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملانغان. ماقالىدا دېيىلىشىچە، لاگېرلار قۇرۇلۇشلىرى ئاساسەن 4 چاسا شەكىللىك بولۇپ، لاگېرلاردىن بىرىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى 102 مېتىر، كەڭلىكى 80 مېتىر ئىكەن.

تۇتقۇنلارنىڭ ياتاق بىناسى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان بۇ بىنانىڭ ئۇدۇلىدا ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر كېلىدىغان 4 قەۋەتلىك بىر بىنا بارلىقى، بۇنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى بولۇش ئېھتىماللىقى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر ماقالىدا بۇ بىنانىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە 21 دېرىزە بارلىقى، بۇ بىنانىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىرلىق 42 سىنىپتىن تەشكىللەنگەنلىكى پەرەز قىلىنغان.

ماقالىدا يەنە بىر لاگېرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130مېتىر، كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان بىر بىناسىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭدا ئاز دېگەندە 3000 كىشىنىڭ سولىنىپ ياتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا يەنە لاگېرلار تۇتقۇنلارنىڭ تامدىن ئارتىلىپ ياكى تامنى تېشىپ قېچىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئېلىش پىلانىدا لايىھەلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلار ئىچكىرى ۋە تاشقىرى قورشاۋ تاملاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تاملار تىكەنلىك سىم بىلەن 4 مېتىر ئېگىزلىكتە ياسالغان ئىكەن. 

ماقالىدا ئەڭ چوڭ لاگېرنىڭ قەشقەر توققۇزاقتا ئىكەنلىكى، بۇ لاگېرلارنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دېگەن نامدا جازا لاگېرى ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت