ھىندونېزىيەدىكى ئىككى مۇسۇلمان تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان

2019-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان ھىندونېزىيەدىكى ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق ئامىلنىڭ تەسىر قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ھىندونېزىيەدىكى نەھدەتۇل ئۆلىما ۋە مۇھەممىدىيە، ناملىق ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بۇ يىل خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئەينى چاغدا، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت بايقىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. لېكىن، مۇھەممىدىيە بىلەن نەھدەتۇل ئۆلىما 17 ‏-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى بۇرۇنقى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن. مۇھەممىدىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق نامدا بولسا بولسۇن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىشنى توختىتىش كېرەك» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشتە ئاكتىپ رول ئوينىشى» تەلەپ قىلىنغان. نەھدەتۇل ئۆلىمانىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روئىبىكىن ئەمخاس «بېنار خەۋەرلىرى» گە بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرگەن. روبىكىن ئەمخاس بۇ يىل 2‏-ئايدا ھىندونېزىيە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئۇ بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھالال يېمەكلىك يېيەلمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا لاگېرلاردا ئىبادەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ھالال يېمەكلىك پەرھىزىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى. . . . شۇنداقلا بېيجىڭ نى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن. «ۋال سترىت ژۇرنىلى» گېزىتى يېقىندا، ھىندونېزىيە دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى قارىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايدىن نۇرغۇن سوغا-سالام، ئىئانە ۋە مالىيە ياردىمى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن يۇقىرىقى ئىككى تەشكىلات باياناتىدا، خىتايدىن ئىئانە ۋە مالىيە ياردىمى ئالغانلىقىنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت