ھىندونېزىيەدە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2015-يىلى ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 3 نەپەر ئۇيغۇر يېقىندا قاماق جازاسى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتكە قايتۇرۇش مەسىلىسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئابدۇلباسىت تۈزەر، ئەخمەت ماھمۇت، ئالتىنجى بايرام ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرلار 2015-يىلى ھىندونېزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش» گۇمانى ۋە «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇلار شۇ يىلى سوتلىنىپ، 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

نۆۋەتتە، بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە تەقدىرى ئېغىر ئەھۋالغا يولۇقىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلات 20-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار 2015-يىلى قولغا ئېلىنغاندا تۈرك پاسپورتى بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخاسىنىڭ ئۇلار توغرىسىدا قانداق پىكىردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

لېكىن ھىندونېزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن. 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بولۇپمۇ 2012 يىلدىن باشلاپ مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتاينىڭ سىياسىي، دىنىي باستۇرۇشىدىن قېچىپ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىشقا باشلىغان. بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قېچىپ بارغان بەزى ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، بەزىلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنىدى.

تولۇق بەت