ھىندونېزىيە يەنە بىر ئۇيغۇرنى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى بۇ دۆلەتتە ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئەخمەت بوزئوغلاننى 29 - ئىيۇل 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەت بوزئوغلان ھىندونېزىيەنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن جازاغا تارتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەت بوزئوغلان ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ قولىدا تۈرك پاسپورتى بار ئىكەن.

«مالايسىيا مەكتۇپلىرى» تور بېتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ھىندونېزىيە سوتچىسى ھوتمان لۇمباگ توبىن ئەخمەتنىڭ قولىدىكى تۈرك پاسپورتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسلى خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

سوتچى ئۇيغۇر ياش ئەخمەت بوزئوغلاننىڭ «ھىندونېزىيە مۇجاھىدىن» دەپ ئاتالغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە ساختا پاسپورت بىلەن كىرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە 4 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەت بوزئوغلانمۇ شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن.

بۇلاردىن باشقا ئۈچەيلەن بۇ يىل 13 - ئىيۇل سوتقا تارتىلغان ۋە 6 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئەمما، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر قولىدا تۇتامغا چىققۇدەك دەلىل - ئىسپاتلىرى بولمىغان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بېسىمىدا مەقسەتلىك تېررورلۇققا باغلاپ سوتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت