خىتاي ھىندونېزىيىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«جاكارتا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 18 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھىندونېزىيىدە تېررور گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى 3 نەپەر دۆلەت بىخەتەرلىكى خادىمىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن.

خەۋەردە ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى خادىمى ئىرفان ئىدرىسنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش تەلىپىگە باشتا قارىشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيە پارلامېنتىنى بۇ ئۇيغۇرلار سوتتىن كېيىنلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرگەن.

بۇ تۆت ئۇيغۇر 2014 - يىلى سېنتەبىر ھىندونېزىيىنىڭ مەركىزى سولاۋېسى ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئايدا شىمالىي جاكارتا رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان.

بۇلار ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك سوتنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى ئاسلۇددىن ھاتجانى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدا قولغا ئېلىنغان رايوندا سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئەلچىخانىسى بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەرجىمان ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ تەرجىمانغا ئىشەنمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت