ھوللىۋۇدنىڭ رېژىسسورى ئاپاتوف، ھوللىۋۇدنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق فىلىم رېژىسسورى جۇد ئاپاتوف ھوللىۋۇدنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا كىنوچىلىق ساھەسىنى سېتىۋالغانلىقى، شۇڭا ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى «دۆلەتلىك تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپاتوف ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، «خىتاي بىزنىڭ سۈكۈتىمىزنى سېتىۋالدى» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا كىنوچىلىق ساھەسى خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېچىپ بېرىلگەن كىنولارنى سېنزورلىماقتىكەن.

جۇد ئاپاتوف ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ، ھوللىۋۇدنى تەنقىدلىگەن تۇنجى ھوللىۋۇد سەنئەتكارى.

«قىرىق ياشلىق قىز» قاتارلىق كومېدىيەلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ داڭ چىقارغان جۇد ئاپاتوف، دىسنېي شىركىتى يېقىندا «مۇلەن» ناملىق فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن يۇقىرىقى باياندا بولغان. «دۆلەتلىك تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاپاتوف مۇنداق دېگەن: «بۇ چوڭ كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، خىتايدەك دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلمايلا قالماي، فىلىملىرىدىمۇ تەنقىد قىلىشقا ياكى ھەقىقەت چوڭقۇرلاپ ئېچىپ بېرىلگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى قويۇشقا يول قويمايدۇ».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كىنوچىلىق ساھەسىدە «ھېچكىم يىغىلىۋېلىش لاگېرىدىن قېچىپ چىققان بىر ئادەمنىڭ ھېكايىسىنى سېتىۋېلىپ فىلىمغا ئالمايدىكەن شۇنداقلا خىتاينى تەنقىدلەيدىغان ھەرقانداق ئىدىيە سۈرەتكە ئېلىنىش باسقۇچىدىلا چىقىرىپ تاشلىنىدىكەن». «مۇلەن» ناملىق فىلىمنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت