خەلقئارادىكى نەشرىياتچىلار خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن 5 نەپەر كىتابپۇرۇش مەسىلىسىدە تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەشرىياتچىلار بىرلىكتە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى. ھازىر خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان بۇ 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاچىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش بىلەن تونۇلغانلار ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نەشرىياتچىلار بىرلىكى، كىتابپۇرۇشلار ۋە ئادۋوكاتلىق جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ خوڭكوڭ ۋالىيسى لياڭ جېنيىڭغا خەت يازغان. خەتكە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە ئامېرىكا «پەن» قەلەمكەشلەر جەمىيىتى، ئامېرىكا نەشرىياتچىلار بىرلىكى ۋە ياۋروپا نەشرىياتچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلارمۇ بار.

بۇ ئورگانلار 17 - فېۋرال كۈنى خوڭكوڭ ۋالىيسىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋەقە خوڭكوڭدىكى يازغۇچىلارغا، نەشرىياتچى ۋە كىتابپۇرۇشلارغا سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە مەسىلىلەرگە تېگىشسە ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىدەك ۋەھىمىلىك سىگنالنى بەردى. ئەپسۇسكى بۇ ئەھۋال، خوڭكوڭدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ پەيدىنپەي يوقىلىشقا قاراپ يۈز تۇتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. خوڭكوڭ دائىرىلىرى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.»

خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلارنىڭ ۋەقەسىگە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند باياناتىدا بۇ بەشەيلەننىڭ «مەجبۇرىي ھالدا» خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى «خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە خىلاپ ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى خامموندنىڭ سۆزلىرىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت